قىشتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سۈت كالىسىنىڭ سۈت مەھسۇلاتى زور تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. شۇڭا،قىشتا سۈت كالىلىرىنى بېقىش،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش زۆرۈر.
1. بېقىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش. قىشتا سۈت كالىسىنىڭ تېنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشى كۈچەيگەچكە،تەن تېمپېراتۇرىسىنى نورمال ساقلاش ئۈچۈن ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا،قىشتا بېقىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بېرىكمە بوغۇزنىڭ مىقدارىنى %15 - %20 ئاشۇرۇش كېرەك.
2. ئەلا سۈپەتلىك يىرىك يەم- خەشەك بېرىش. شارائىت يار بەرسە،سىلوسلانغان كۆممىقوناق بېرىش كېرەك. زىرائەت شاخ- شۇمبىسىنى بېرىشتىن ئاۋال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
3. يېتەرلىك ئىلىمان سۇ بېرىش. سۇ ئورگانىزمدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى،شۇنداقلا ماددا ئالماشتۇرۇشتىكى بىردىنبىر تۇشۇغۇچى. شۇڭا،سۈت كالىسىغا تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق،يېتەرلىك سۇ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سۇ يېتەرلىك بېرىلمىسە،سۈت مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃37 -℃39 بولسا مۇۋاپىق.
4. يېتەرلىك تۇز بېرىش. ئاشتۇزى سۈت كالىسىنى كەم بولسا بولمايدىغان خلور ۋە ناترىي ئىئىونى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر ئاشتۇزى يېتەرلىك بولمىسا،سۈت كالىسىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ،ئورۇقلاپ،سۈت مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاشتۇزىنىڭ مىقدارىنى كالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە سۈت مەھسۇلاتىغا ئاساسلىنىپ بېكىتىش كېرەك. ئادەتتە ھەر كۈنى 30- 50 گىرام بەرسە بولىدۇ.
5. ئىسسىق ئاداپ بېرىش. قىشتا ئەڭ ياخشىسى بوغۇزدا ئاداپ ئېتىپ بېرىش كېرەك،سۈت كالىسىغا ℃38 ئەتراپىدىكى ئىسسىق ئاداپ بەرسە،ئاسان ھەزىم بۇلۇپلا قالماي،يەنە سۈت كالىسىنىڭ سوغوققا تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
6. ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش. سۈت كالىسىنىڭ تېنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن،ئىسسىق قوتاندا بېقىش كېرەك. قىشتا قوتان تېمپىراتۇرسىنى ℃10 تىن يۇقىرى ساقلاش كېرەك. شامال ئېغىزلىرىنى ئېتىپ،كالىنى بىۋاستە شانال ئۇرۇشتىن ساقلاش كېرەك.
7. ھەر كۈنى كالا تېنىنى چوتكىلاپ تۇرۇش. كالا تېنىنى چوتكىلىسا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،سۈت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.