ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى باغۋەنچىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسىسى چې فېڭبىن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بەردى:
1. چوڭ قىزىل ئۈزۈم ۋە مۇناقى ئۈزۈمنى پوستى نىسبەتەن قېلىن بولغاچقا،خېلى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ. كۈزدە ئۈزۈمنى مۇۋاپىق مەزگىلدە يىغىۋېلىشقا دىققەت قىلىپ،زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ساقلاشقا سۈپىتى ياخشى،دانىسى چوڭ،قەنت مىقدارى يۇقۇرى ئۈزۈملەرنى تاللاش ھەمدە ئارىسىدا بۇزۇلغانلىرى بولسا پاكىز ئادالىۋېتىش لازىم.
2. تاللاپ بولغان ئۈزۈمنى ۋاقتىدا سوغوق ساقلاش ئىسكىلاتىغا ئەكىرىش لازىم. ھەر 5 كلوگرامنى بىر خالتىغا سېلىپ،ئاۋۋال سۇلياۋ خالتىنىڭ ئاغىزىنى ئوچۇق قۇيۇپ،خالتىدىكى سۇ پارلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاغىزىنى بوغىۋېتىش لازىم. سوغۇق ساقلاش دورىسى ۋە يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىنى توغرا تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. تېمپېراتۇرا ℃0 بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئىسكىلاتقا ئەكىرگەندىن كېيىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تىزىش،خالتا بىلەن خالتا،يەشىك بىلەن يەشىك ئارىسىدا مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇپ،ئىسكىلات تېمپېراتۇرسىنىڭ تەكشى ھەم مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3. ھەر 30- 40 كۈندە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ،سېسىغانلىرىنى ۋاقتىدا ئادالاپ،باشقا ئۈزۈملەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەتتە ھەر بىر ساقلاش دەۋرىيلىكىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك. يۇقىرىقىدەك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەندە،ئۈزۈمنى 100 كۈن ئەتراپىدا يېڭى پېتىچە ساقلىغىلى بولىدۇ.