شاپتۇل دەرىخىدىكى يېلىم ئېقىش كېسىلى ئۈرۈك،گىلاس قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەردىمۇ پەيدا بولىدۇ.
1. كېسەل ئالامىتى: دەرەخ غولى ۋە ئاساسلىق شاخلارنىڭ يۈزى پولتىيىپ چىقىدۇ. دەرەخ غولىنىڭ ئوكسىگېن قوبۇل قىلىشى،ئوزۇقلۇق تولۇقلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ،قوۋزىقىنىڭ رەڭگى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوۋزاق يېرىقچىلىرى ۋە زەخمىلەنگەن جايلاردىن يېلىم ئاقىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا،دەرەخ قوۋزاقلىرى يېرىلىپ،غول شاخلىرى تەدرىجىي قۇرۇپ كېتىدۇ.
2. كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى: بۇ كېسەل جاراھەت ئېغىزى ياكى قوۋزاق تۆشۈكلىرىدە پەيدا بولىدۇ. يېلىم ئېقىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ،ئاساسەن قىرو،مۆلدۈر،ئۈششۈك،شامال ۋە ھاشاراتلار كەلتۈرگەن زەخمىلىنىشتىن بولىدۇ. بولۇپمۇ پەۋقۇلئاددە ئىسسىق ياكى سوغۇق،زىيادە نەملىك ۋە قۇرۇق شامال قاتارلىق كىلىماتنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە ھەددىدىن ئارتۇق چاتىلىشتىن زەخمىلىنىپ،يېلىم ئېقىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت،جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك يەنى،يەر تۈزۈلۈشى ئويمان،كۆچەت تىكلىشى چوڭقۇر،تۇپرىقى زەي،سۇ چىقىرىشى يېتەرسىز بولغان شاپتۇللۇق باغلاردا بۇ كېسەل كۆپ بولىدۇ.
3. ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش تەدبىرلىرى: شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كۆچەت تىكىش،يەر تۈزلەش،يەر ئاستى سۈيى بىر قەدەر تۆۋەن،تۇپراق قەۋىتى قېلىن،قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراقلىق جايلاردا شاپتۇللۇق باغ بىنا قىلىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا پەرۋىشنى كۈچەيتىپ،ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاپ،سۇ چىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ،دەرەخنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يېلىمنى قىرىپ ئېلىۋېتىپ،جاراھەت ئېغىزىنى %5 لىك ھاك گۈڭگۈرت بىرىكمىسى بىلەن دېزىنفېكسىيىلەش،موم سۈرتۈپ جاراھەت ئېغىزىنى مۇھاپىزەت قىلىش لازىم. دەرەخنىڭ تىنچلىنىش مەزگىلىدە سىماپ خلور سۈيى بىلەن يېلىم ئاققان ئېغىزنى دېزىنفېكسىيىلىسىمۇ بولىدۇ.
سىماب خلور سۈيىنى تەڭشەش ئۇسۇلى: بىر،ئىككى ئۈلۈش سىماب خلورغا %95 لىك،40 تامچە ئىسپىرت ئارىلاشتۇرۇپ،ئۇنىڭغا 60 ئۈلۈش گلتسېرىن بىلەن 900 ئۈلۈش سۇ قوشۇپ تەييارلايمىز. ئۆسۈش مەزگىلىدە %65 لىك 600 ھەسسىلىك زىنىپ ياكى ھاك،سىنك سۇلفات،سۇدىن 100:1:1 نىسبەتتە تەييارلاپ،تۆت- بەش قېتىم چېچىپ،شاپتۇل دەرىخىنى مۇھاپىزەت قىلىمىز.