سۈتىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش. ئىنەكنى قول بىلەن ساغقاندا،سۈتىنىڭ رەڭگى سۇس،قويۇق بولسا ھەم ئاسان ئېقىپ چىقمىسا ئاساسەن بوغاز بولغان بولىدۇ. سۈتى ئاق،سويۇق بولسا،ساغقاندا تەبىئىيلا ئېقىپ چىقسا بوغاز بولمىغان بولىدۇ.
يېلىنىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش. يېلىنى يوغىناپ،يېلىن ئۈرپى (توپچىسى) چىڭ ۋە تىك تۇرسا بوغاز بولغان بولىدۇ،ئەكسىچە بولسا بوغاز بولمىغان بولىدۇ.
كۆزىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش. بوغاز بولغان ئىنەكنىڭ كۆز قارچۇقىدىكى رەڭدار پەردىدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بېغىررەڭلىك ئۈچ تال تىك قان تومۇرى پەيدا بولىدۇ. بۇ بوغازلىق قان تومۇرى دېيىلىدۇ. بوغاز بولمىغان ئىنەكنىڭ رەڭدار پەردىسىدىكى قان تومۇرى ئىنچىكە بولىدۇ ھەم ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ.
ئېغىز بوشلۇقىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈش. ئىنەكنىڭ تىلى ئاستىدىكى ئىككى تەرەپتىكى گۆش توق قىزىل رەڭدە بولسا بوغاز بولغان بولىدۇ؛ھال رەڭ ياكى سۇس قىزىل رەڭدە بولسا بوغاز بولمىغان بولىدۇ.
قورسىقىنى بېسىش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش. ئىنەكنىڭ سول تەرىپىدە ئارقىغا قاراپ تۇرۇپ،سول قول بىلەن ئىنەكنىڭ دۈمبىسىنى تۇتۇپ،ئوڭ قول بىلەن سول تەرەپتىكى قورساقنى بوش باسقاندا قولغا بىر نەرسە ئۇرۇلسا ياكى قورساق ئاستىدا بىر نەرسە مىدىرلىغاندەك بىلىنسە بوغاز بولغان بولىدۇ.
ئىسپىرت بىلەن سىناپ كۆرۈش. ئىنەكنىڭ يېڭى سۈتىدىن 100 مىللىلىتىر ئېلىپ،دېزىنفېكسىيە قىلىنغان ئەينەك قاچىغا سېلىپ،ئاندىن %95 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتتىن سۈتكە بىر مىللىلىتىر تېمىتىپ،تولۇق ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن،بەش مىنۇت ئىچىدە ئۇيىۋالسا بوغاز بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ئەگەر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئۇيىسا بوغاز بولمىغان بولىدۇ.
قۇيرۇقىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈش. ئىنەك قۇيرۇقىنى شىپاڭلاتماي تۈز تۇتۇپ تۇرغاندا،قۇيرۇقى سولغا ياكى ئوڭغا قىيسىق تۇرسا بوغاز بولغان بولىدۇ.ئەگەر قۇيرۇقى تۈز بولسا بوغاز بولمىغان بولىدۇ.