对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
كالا باقمىچىلىقىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل خۇرۇچ
كىلىش مەنبەسى : بايىنغۇلىن  ئوبلاسلىق  خەلق  ھۆكۈمىتى  تورى       ۋاقتى : 10.05.27    يوقلىنىش قېتىم سانى :

1. رۇمېنسىن ( 瘤胃素). بۇ بىر خىل بىئوتىك بىرىكمە بولۇپ،گۆش كالىسىغا ئەت قوندۇرىدىغان يەم- خەشەك خۇرۇچىدۇر. ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان تەڭشەلگەن رۇمېنسىننى ھەر كىلوگرام يەم- خەشەككە 5.5 - 3.3 مىللىگرامغىچە قوشساق ھەم كۈنىگە 50 - 360 مىللىگرامغىچە بەرسەك بولىدۇ.

2. ناترىي بىكاربونات(  碳酸氢钠 ). بۇ ئىنەككە دائىم بېرىلىدىغان سۇسلاشتۇرۇلغان بىرىكمە خۇرۇچ بولۇپ،ئىنەك سۈت بېرىۋاتقان مەزگىلدە،ھەر بىر ئىنەكنىڭ كۈندىلىك يېمىگە 10 گرام ناترىي بىكاربونات قوشۇپ بەرسەك،سۈتى 2 - 3 كىلوگرام كۆپىيىدۇ،سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

3. ناترىي ئاتسېتات ( 醋酸钠 ). ناترىي ئاتسېتاتنى بىر لىتىر سۈتكە 30 - 35 گرام نىسبەت بويىچە تەڭشەپ،يەم- خەشەك ياكى ئوت- چۆپ تالقىنىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەككە بەرسەك،ئىنەكنىڭ كۈندىلىك سۈت مىقدارىنى 0.7ــ1.2 كىلوگرامغىچە،سۈتنىڭ ياغ تەركىبىنى %0.16 تىن %0.21 كىچە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

4. كۆپ موزايلىتىش كۇمىلىچى (多犊锭 ). بۇ كۇمىلاچ ئىنەك،گۆش كالىسى،مۇزايلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ. ئىنەكنىڭ بوغاز بولۇش نىسبىتى ھەم بۇقىنىڭ سىفىرمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىنەكنىڭ سۈت بېرىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇنى ھەر توننا بىرىكمە يەم- خەشەككە 100ــ 150 گرامغىچە قوشۇپ بەرسەك ياكى ئىنەكنىڭ ھەر كىلوگرام ئېغىرلىقىغا 2 - 6 مىللىگرامغىچە بەرسەك بولىدۇ.

5. ئاراليا دەرىخى سۇيۇقلۇقى ( 刺五加 ). بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئاراليا دەرىخىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنى سۈت بېرىۋاتقان ئىنەكنىڭ ئىچىدىغان سۈيىگە ھەر كىلوگرام ئېغىرلىقىغا 0.1 مىللىگراملىق نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ.

6   . ناترىي پروپىئونات ( 病酸钠). بۇ غۇنانبۇقىغا بېرىلىدىغان خۇرۇچ بولۇپ،يەمگە ناترىي پروپىئونات قوشۇپ بەرسەك (يەم- خەشەك مىقدارىنىڭ %3 ى بويىچە) غۇنانبۇقىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۈنىگە 1200 گرامدىن 1300 گرامغىچە ئاشۇرغىلى،غۇنانبۇقا 15ــ 16 ئايلىق بولغاندا،ئېغىرلىقىنى 500 كىلوگرام ئەتراپىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器