对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئالما دەرىخىنىڭ چېچەك ۋە مېۋىسىنى شاڭلاڭلىتىش ئۇسۇلى
كىلىش مەنبەسى : بايىنغۇلىن  ئوبلاسلىق  خەلق  ھۆكۈمىتى  تورى       ۋاقتى : 10.05.27    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ئىبراھىم يۈسۈپ كۆكيار

ئالما دەرىخىنىڭ چېچەك ۋە مېۋىسىنى شالاڭلىتىش ـــ ئالما سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە يىلمۇ يىل مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى:

1. چېچەك ۋە مېۋىنى شالاڭلىتىش مەزگىلى: قىرو ئۈششۈكى تەگمىگەن ئەھۋالدا،غۇنچە مەزگىلىدىن باشلاپ ئاجىز،ئۇششاق چېچەك تىزىسىنى ئاساس قىلىپ شالاڭلىتىمىز. چېچەك شالاڭلاتقاندا بەلگىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ،چېچەك مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىمىز. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولىدىغان ۋە قىرو ئۈششۈكى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلاردا ھەر يىلى غۇنچە مەزگىلىدىن چېچەك مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا،چېچەككە قاراپ مېۋە بېكىتىشكە بولمايدۇ. مېۋە شالاڭلىتىشنى قىزىئولوگىيىلىك مېۋە تۆكۈلۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بارىمىز. بۇنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن تاماملايمىز. مېۋە بالدۇر شالاڭلىتىلسا،يوپۇرماق ۋە مېۋىنىڭ يوغىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.

مېۋە شالاڭلىتىش ئۇسۇلى: (1) مېۋە تەكشى چۈشكەن شاخلاردا ھەر 25 سانتىمېتىردىن 30 سانتىمېتىرغىچە ئارىلىقتا بىردىن مېۋە ئۇۋىسى قالدۇرىمىز،تىمەن شاخلارنىڭ چوققا بىخلىرىدا قوش مېۋە قالدۇرىمىز،سەل ئاجىزلىرىدا بىر تال مېۋە قالدۇرىمىز، ئىنچىكە،ئاجىز مېۋە شاخلىرىنى قۇرۇق قويىمىز. بىر،ئىككىگىچە قوشۇمچە نوتا ئۆسۈپ چىققان مېۋە ئۇۋىلىرىدىكى شاخلاردا بىر تال مېۋە قالدۇرىمىز. بىر تال مېۋە قالدۇرغاندا ئوتتۇرىدىكى مېۋىنى قالدۇرىمىز. دەرەخ تاجىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە چۆرىسىدە مېۋىنىڭ كۆپرەك قالدۇرۇلۇشىغا ۋە دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مېۋىنىڭ ئازراق قالدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛(2) مېۋە شالاڭلاتقاندا مەلۇم مىقدارىدىكى مېۋە ئۇۋىسىنى قۇرۇق قالدۇرۇپ،دەرەخ ئەھۋالى ۋە دەرەخ ھالىتىنى ئايرىماي تۇرۇپلا ھەر بىر مېۋە ئۇۋىسىغا بىردىن مېۋە قالدۇرىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器