بىلىم_ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ يەكۈنى،بىلىم ھەر خىل بولىدۇ،مەسىلەن: فىزىكا بىلىمى،خىمىيە بىلىمى، كىشىلىك ئالاقە بىلىمى،باشقۇرۇش بىلىمى قاتارلىقلار، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغاچقا،كىشىلەر بىلىمنىڭ ئېشىشىنى ‹‹بىلىمنىڭ پارتلىشى››دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بىلىم—جەمئىيەت ۋە خىزمەتكە ئۇيغۇنلىشىشتىكى ئاساسىمىز، بىلىمىمىز بولمىسا، جەمئىيەتتىن شاللىۋېتىلىمىز. ماھارەت__ ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى،مۇئەييەن ئۇسۇل بويىچە تەكرار ئالاقىلىشىش ياكى دوراش ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېتۈك ھەرىكەت. مەسىلەن: رەسىم سىزىش،خەت ئۇرۇش،ماشىنا ھەيدەش،پروكاتلاش،رېمونت قىلىش قاتارلىقلار.
دېھقانلار شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىمەن دەيدىكەن،ھەم بىلىمى،ھەم ماھارىتى بولۇشى كېرەك. بىلىم ئۆگىنىش ماھارەت ئىگىلەشنىڭ ئاساسى،مەسىلەن: ماشىنا ھەيدەش بىلىمى بولمىسا،ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بىلمىسە،ھەيدەش ماھارىتىنى ئىگىلەش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بىلمنىڭ ئاز- كۆپلۈكى ماھارەت ئىگىلەشنىڭ تېز- ئاستىلىقى ۋە چوڭقۇر- تېيىزلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ماھارەتنىڭ ئىگىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.، بۇنىڭدىن بىلىم بىلەن ماھارەتنىڭ ئالاقىسىنىڭ ئىنتايىن زىچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بىلىم بىلەن ماھارەت يەنە روشەن پەرقلىنىدۇ. ئالدى بىلەن،ئۇلارغا ئىگە بولۇش يولى ئوخشاشمايدۇ. بىلىمگە كىتابتىن ئىگە بولغىلىمۇ، سىڭدۈرۈش يولى ئارقىلىق ئىگە بولغىلىمۇ بولىدۇ؛لېكىن ماھارەتكە پەقەت ئەمەلىيەت ۋە تەكرار ئالاقىلىشىش ئارقىلىقلا ئىگە بولغىلى،تەكرار ئالاقىلىشىش ئارقىلىق قىسمەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ،ئۇنى مۇكەممەل بولغان ھەرىكەت ماھارىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى مەكتەپ مائارىپى ماھارەت مەشقىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،شۇڭا،خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن،بىر يېڭى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن،ماھارەت مەشقى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاندىن قالسا،ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رولىمۇ ئوخشاشمايدۇ. بىلىم ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا ماھارەت ئارقىلىقلا رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ،شۇڭا،بىلىمنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز،چوقۇم ماھارەتكە تايىنىشىمىز كېرەك. دەل مۇشۇ مەنادىن ئېيتقاندا،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇئەييەن ماھارەتنى ئىگىلىگەن ئادەمگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق،ئۇلار بىلىمىلا بار لېكىن ماھارىتى كەمچىل ئاتالمىش ‹‹نومۇرى يۇقىرى،ئىقتىدارى تۆۋەن››لەرنى قارشى ئالمايدۇ.