对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
شەھەرگە كىرىپ خىزمەت ئىزدەيدىغان دېھقانلار قايسى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؟
كىلىش مەنبەسى : بايىنغۇلىن  ئوبلاسلىق  خەلق  ھۆكۈمىتى  تورى       ۋاقتى : 10.05.27    يوقلىنىش قېتىم سانى :

نۆۋەتتە، شەھەر، بازارلاردا بىناكارلىق،بېزەكچىلىك،يېمەك- ئىچمەك، ئائىلە مۇلازىمىتى،تىككۈچىلىك،پەردازچىلىق،ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆپرەك قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بىلىمى،ماھارىتى،سالامەتلىكى قاتارلىق شارائىتلىرىنى توغرا مۆلچەرلەپ،ئۆزىنىڭ قايسى ئىشقا باپ كېلىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىش كېرەك.

بىناكارلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قاۋۇل ھەمدە بىخەتەرلىك ئېڭى بار بولۇشى،تامچى،ياغاچچى،جازا باغلىغۇچى قاتارلىقلارنىڭ يەنە مۇئەييەن ماھارىتى ۋە بىلىمى بولۇشى كېرەك.

بېزەكچىلىكتە ئىشلەمچىلەرگە قارىتا تېخنىكا جەھەتتە بىر قەدەر يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان بولغاچقا،ئۇلار تېنى ساغلام بولغاندىن باشقا يەنە ھەر خىل بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى،ھۈنەر- سەنئەت جەريانى ۋە بىخەتەرلىك بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.

يېمەك- ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تېنى ساغلام،يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن خالى،بەش ئەزاسى بېجرىم،مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيىسى بار بولۇشى كېرەك.

ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ساغلام،پاكىز،مۇلايىم، سەۋرىچان،پۇختا،ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،گۆدەكلەرگە كۆيۈنىدىغان،باشقىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.

تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كەسپىي تەربىيە كۆرگەن،كېيىم- كېچەك تىكىش كەسپىي ماھارىتىنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك.

پەردازچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇلانغۇچىنىڭ ساپاسىغا قارىتا بىردەك يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ،ئۇلاردا ئالاقىدار كەسپىي بىلىم بولغاندىن باشقا يەنە مۇئەييەن ئېستېتىك قابىلىيەت ۋە تەسەۋۋۇر كۈچى بولۇشى كېرەك.

ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاۋۇل بولۇشى،مەخسۇس تەربىيىلەنگەن،قانۇن بىلىملىرىدىن خەۋەردار،مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،يامان ئادەم- يامان ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器