对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
كەسپىي سالاھىيەتنامە دېگەن نېمە؟
كىلىش مەنبەسى : بايىنغۇلىن  ئوبلاسلىق  خەلق  ھۆكۈمىتى  تورى       ۋاقتى : 10.05.27    يوقلىنىش قېتىم سانى :

كەسپىي سالاھىيەتنامە __ ئەمگەكچى ھازىرلىغان مەلۇم بىر كەسىپ ئېھتىياجلىق بولغان خاس بىلىم ۋە ماھارەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسپات،ئۇ ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت تەلەپ قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش،تىجارەت باشلاشتىكى سالاھىيەت ئىسپاتى،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچى تەكلىپ قىلىش-قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم ئاساسىنىڭ بىرى شۇنداقلا چېگرا سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار،تاشقى ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيىسى توغرىسىدىكى ئادىل،ئۈنۈملۈك گۇۋاھنامىسى.كەسپىي سالاھىيەتنامە كەسپىي ئەمگەك پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،مۇئەييەن كەسىپنىڭ ئەمەلىي خىزمەت مەزمۇنى،ئالاھىدىلىكى،ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن سەۋىيە دەرىجىسى. كەسپىي سالاھىيەتنامە ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ شۇنداقلا ئۇ ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي قابىلىيىتىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەتنامىسى بەش دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: تۆۋەن دەرىجىلىك 5- دەرىجە)،ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4- دەرىجە)،ئالىي دەرىجە (3- دەرىجە)،تېخنىك (2- دەرىجە) ۋە ئالىي تېخنىك (1- دەرىجە). بەزى كەسىپتە يەنە ئالاھىدە دەرىجىلىكى بولىدۇ (مەسىلەن: ئاشپەزلىكتە ئالاھىدە 1- دەرىجىلىك،ئالاھىدە 2- دەرىجىلىك دېگەندەك).

كەسپىي ماھارىتىنى باھالاپ،كەسپىي سالاھىيەتنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹دۆلەتنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش›› ستراتېگىيىلىك فاڭجېننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ،ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرىلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېزا ياشلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەتنامىغا ئېرىشىشى ئۇلارنىڭ ماھارەت سەۋىيىسىنىڭ بەلگىسى بولۇش بىلەنلا قالماستىن بەلكى كەسپىي پائالىيىتلەرگە ئۇيغۇنلىشىشىنىڭمۇ ئاساسى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器