‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلار تىزىمنامىسى››نى بېجىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئاممىۋى كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتى ۋە باشقا تۈرلۈك كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ھەقسىز تەمىنلىگەن كەسىپ تونۇشتۇرۇش،كەسپىي يېتەكچىلىك،خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلارنى تىزىملاش،ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرى،سىياسەت مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپ تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ.
‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلار تىزىمنامىسى››نى بېجرىگەن دېھقانلار يەنە ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تارماقلىرى تەستىقلىغان ۋە ئېتىراپ قىلغان سالاھىيەتكە ئىگە تەربىيىلەش ئاپپاراتىغا بېرىپ،كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى،ئىگىلىك تىكلەش تەربىيىسى،مەخسۇس تۈر بويىچە كەسپىي قابىلىيەت تەربىيىسى قاتارلىق ئۈچ تۈرنىڭ بىرىگە قاتناشسا بولىدۇ. كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىگە قاتناشقانلار كەسپىي تەربىيە ياردەم پۇلىدىن بىر قېتىم،مەخسۇس تۈر بويىچە قابىلىيەت تەربىيىسىگە قاتناشقانلار كۆپ بولغاندا ئۈچ تۈردە مەخسۇس تۈر بويىچە قابىلىيەت تەربىيىسى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ.