‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلار تىزىمنامىسى›› دېگىنىمىز شەھەر،بازارلاردىكى خىزمەت تەلەپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشسىزلار ۋە شەھەرگە كىرىپ خىزمەت تەلەپ قىلغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ خىزمەت تەلەپ قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىش سىياسىتى شۇنىڭدەك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇشتىكى ئىناۋەتلىك ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.
رايونىمىزدىكى يېزا ئەمگەكچىلىرى شەھەرگە كىرىپ خىزمەت قىلغاندا،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ،نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزىلىق،بازارلىق ئەمگەك كاپالىتى پونكىتىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ،‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلارنى تىزىملاش ئۇچۇر جەدۋىلى››نى تولدۇرۇپ،‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلار تىزىمنامىسى››نى بېجىرىدۇ.
باشقا رايون ئەمگەكچىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر،بازارلاردا خىزمەت تەلەپ قىلغاندا،ئۆزىنىڭ كىملىكى،ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋىلايەت،ناھىيە دەرىجىلىك ئەمگەك كاپالىتى تارمىقىنىڭ ‹‹سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىش گۇۋاھنامىسى›› نى ئېلىپ،ۋاقىتلىق تۇرغان جايدىكى مەھەللە (يېزا) ئەمگەك كاپالىتى پونكىتىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ،‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلارنى تىزىملاش ئۇچۇر جەدۋىلى››نى تولدۇرۇپ،‹‹خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلار تىزىمنامىسى››نى بېجىرىدۇ.