تەربىيىگە قاتنىشىشنىڭ يولى تولا،لېكىن،ئۈنۈملۈك ۋە ئۆزىگە باپ كېلىدىغان يولنى تاللاش ئاسان ئىش ئەمەس. باپ كېلىدىغان تەربىيىلەش يولىنى تاللاش ئۈچۈن جەزمەن ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى،تەربىيىلەش مەزمۇنىنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقى،تەربىيىلەش ھەققىنى كۆتۈرەلەيدىغان- كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىڭىز قاتارلىقلارنى ئويلىشىشڭىز كېرەك. ئادەتتىكى تەربىيىلەش يوللىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ناھىيىلىك،يېزىلىق (بازارلىق) ئەمگەك مۇلازىمىتى ئاپپاراتى ئاچقان تەربىيىلەش كۇرسى. بۇ كۇرسنى ئادەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئاچىدىغان بولۇپ، ئىناۋىتى ياخشى،تەربىيىلەش مەزمۇنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانى ئومۇمەن قىلغاندا قاراتمىلىققا ئىگە، بەزىلىرى تېخى كونكرېت قۇرۇلۇش تۈرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ.
2) كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ،تېخنىكا مەكتىپى،كەچكۇرس،مەخسۇس كەسپىي تەربىيىە مەكتىپىدە ئوقۇش. مەسىلەن: ئاشپەزلىك مەكتىپى،شوپۇرلۇق مەكتىپى،كومپيۇتېر مەكتىپى،ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى رېمونتچىلىقى كۇرسى قاتارلىقلار، بۇ مەكتەپلەر ھەر خىل كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى پائالىيىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ،مەكتەپ ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل،ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا،ھەم بىر قەدەر سىستېمىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغىلى،ھەم ئازغىنە ۋاقىتتا مۇئەييەن تېخنكىنى ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ،شۇڭا، ئۇ شەھەرگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ماھارەتلەرنى ئىگىلىشىدىكى نۆۋەتتىكى مۇھىم يولى ھېسابلىنىدۇ.
3) تېلېۋىزىيە مەكتىپى ياكى تور مەكتىپى تەربىيىسى. بىز ياشاۋاتقان دەۋر ئۇچۇر دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. تېلېۋىزىيە، رادىئو ۋە تور بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ،ئۇ بىز ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەشتىكى مۇھىم يولىمىز بولغاچقا،يىراق مۇساپىلىك مائارىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىز يىراق مۇساپىلىك مائارىپ ئارقىلىق،تاللىۋېلىشقا بولىدىغان يۈزدىن ئارتۇق كەسىپنى تەسىس قىلدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇ زامانىمىزدىكى يېزا ياشلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىش بىلىملىرى ۋە ماھارەت ئىگىلىشىدە بارغانسېرى مۇھىم يولغا ئايلاندى.
قايسى تەربىيىلەش يولىنىڭ ئۆزىڭىزگە باپ كېلىدىغانلىقىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىڭىز،ئىقتىسادىي كۈچىڭىز،ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئايىڭىز ۋە ھەۋىسىڭىز قاتارلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى،ئۆگىنىش__ ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان،ئۇ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن بۇرۇنقى قىسقا مۇددەتلىك تەربىيە قوبۇل قىلىش جەريانى بولۇش بىلەنلا قالماستىن بەلكى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە ئۇزاق مۇددەت جۇغلاش جەريانى. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ،ئۆزىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ،بىلىمىنى بېيىتقاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.