对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دېھقانلارغا نېمە ئۈچۈن كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
كىلىش مەنبەسى : بايىنغۇلىن  ئوبلاسلىق  خەلق  ھۆكۈمىتى  تورى       ۋاقتى : 10.05.27    يوقلىنىش قېتىم سانى :

شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن،قانداقلىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماڭ،ھەممىسىدىلا مۇئەييەن بىلىم ۋە ماھارەت بولمىسا بولمايدۇ. زۆرۈر كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلىگەندە، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ،ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. دۆلەت كەسپىي سالاھىيەتنامە تۈزۈمى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،دۆلەت مۈلكىگە،خەلق ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بىر قىسىم كەسىپ ۋە ئىش تۈرلىرىدە كەسىپكارلارنىڭ مۇناسىپ سالاھىيەتنامىنى ئالغاندىلا ئاندىن ئىش ئورنىغا چىقىشىغا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. قولىڭىزدا كەسپىي سالاھىيەتنامىڭىز بولسا،ئىقتىدارىڭىز جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىدۇ- دە،ئۆزىڭىز باپ كېلىدىغان خىزمەتنى تېخىمۇ ئاسان تاپالايسىز. كەسپىي سالاھىيەتنامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن زۆرۈر كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەش كېرەك. شەرت ھازىرلانمىغان بولسا،ئاۋۋال كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىگە قاتنىشىش،ئاندىن يەرلىك كەسپىي ماھارەت باھالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ،كەسپىي ماھارەتنى باھالاشقا قاتىشىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. باھالاشتا لاياقەتلىك چىققانلارغا ئەمگەك كاپالىتى تارمىقى مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتنامە بېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器