对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.10.18    يوقلىنىش قېتىم سانى :

 مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئالاقىدار روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ناھىيەمىز قانۇنسىز يەر ئېچىشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى ھەمدە قانۇنسىز يەر ئېچىشقا زەربە بېرىشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، قانۇنسىز يەر ئېچىش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. بىراق يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان پاختا بازىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، قانۇنسىز يەر ئېچىش قىلمىشى يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، ناھىيەمىزدە يېڭىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان قانۇنسىز يەر ئېچىش دولقۇنىنى توسۇپ، ئىنتايىن ئاجىز بولغان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، قانۇنسىز يەر ئېچىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك جىددىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى:

    يېزا بازار، ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلار قانۇنسىز يەر ئېچىشقا زەربە بېرىشنىڭ ئېكولوگىيىنى تۈزەش تەرتىپكە سېلىش نەتىجىسىنى قوغداشقا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قاراشلىق رايوندىكى يەر، ئورمانلىق، ئوتلاق ۋە سۇ مەنبىيىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوغداش ۋە باشقۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېزلىكتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ، يەر ئېچىش قىلمىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىشى لازىم.خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمەي يامان تەسىر پەيدا قىلغان يېزا بازار ۋە تارماقلارغا قارىتا، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ.

    بۈگۈندىن باشلاپ ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ناھىيە تەۋەسى ئىچىدە قانۇنسىز يەر ئېچىشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، دۆلەت يەر-زېمىن بايلىقى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مال-دوختۇرلۇق، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ”قانۇنسىز يەر ئېچىشقا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى“ نى قانات يايدۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك قانۇنسىز يەر ئېچىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ، قانۇنغا بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا خىلاپلىق قىلىپ داۋاملىق تۈردە قانۇنسىز يەر ئاچقانلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. تىپىك دېلو ۋە چوڭ دېلولار بىر تەرەپ قىلىنىش داۋامىدا ئىشمۇ، ئادەممۇ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە جەمئىيەتتە ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىپ ئورمانلىقتىن بوز يەر ئاچقان، بولۇپمۇ تارىم دەريا ياقىسىدىن قانۇنسىز بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېخى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى»نىڭ 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالىنىپ، ئاچقان يېرى ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە يېزا-ئىگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بويىچە 5يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويىلىدۇ.

  سېتىش-سېتىۋېلىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئوتلاقنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر؛ تەستىقلاتماي ياكى ئالداش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ ئالداپ تەستىقلىتىپ ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلانغانلار؛ ئوتلاقتىن قانۇنسىز بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەنلەر؛ چۆللۈك، يېرىم چۆللۈك ۋە ئېغىر كەينىگە چېكىنگەن، قۇملىشىپ شورلىشىپ كەتكەن، سۇ تۇپراق ئېقىپ كەتكەن ئوتلاق ھەمدە ئېكولوگىيىسى ئاجىز رايوندىكى ئوتلاقتا ئۆسۈملۈكلەرنى كولىغان ياكى ئوتلاقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان باشقا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» نىڭ 64-، 65-، 66- ۋە 67-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ ھەمدە قانۇنسىز ماك-مۈلكى ۋە تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئاچقان يېرى دۆلەت ئىگىدارلىقىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.

    ئۇدا ئىككى يىل تېرىلمىغان يەرلەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇش قانۇنى» نىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارمىقى يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالىدۇ. قاراشلىق يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان، يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ ئىشلىرى، دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سۇ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاق تاشلاپ قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن ئۆتمىگەنلەرنىڭ تەستىقسىز تېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    يەرنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 228-، 342-، 341-ماددىسى توغرىسىدىكى ئىزاھات» تىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى

 

 

 

 

                            لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى

                            2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器