对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.09.28    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ناھىيەدىكى پاختا سېتىۋېلىش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، ھەرمىللەت پاختىكار ئاممىغا:

      ناھىيەمىزنىڭ 2010-يىللىق پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ مەھسۇلات كېمىيىپ كەتسىمۇ كىرىمىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە تىرىشىپ، پاختا سېتىۋېلىش، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ دېھقانلارغا ئاق ھۆججەت بېرىش قاتارلىق پاختىكارلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پاختا سېتىۋېلىش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پاختا سېتىۋېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئۆزى مەبلەغ توپلاش، قەرز پۇل بىجىرىش، بىرلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى ئويلاپ مەبلەغ توپلاپ، پاختا سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پاختىكارلارنىڭ پاختا ساتقان پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا ئالالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيەلىك ئىسلاھات تەرەققىيات، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، پاختا سېتىۋېلىش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتىگە قارىتا نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاق ھۆججەت بەرگەن كارخانىلارنى بايقىغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كەڭ پاختىكارلارنىڭ پاختا سېتىۋېلىش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئاق ھۆججەت بېرىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پاختا سېتىۋېلىش كارخانىلىرىغا نېسىگە پاختا سېتىپ بەرمەي، ئۆز مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

      ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

 

                                       لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى

                                       2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器