对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرىشى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.03.18    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ناھىيىدىكى دېھقان ئائىلىلەرگە:

نۆۋەتتە ناھىيىمىزنىڭ ئەتىيازلىق سۇغرىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ناھىيىمىزنىڭ يېزا-ئىگىلىك سۇغرىش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، تارىم دەريا سۇغرىش رايونىنىڭ ئەسلىدىكى 250 مىليون كۇب مېتىرلىق سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ يىل ناھىيىمىزدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى پەقەت كۆنچى دەرياسىغا سۇ باشلاش ئارقىلىقلا سۇغرىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولغان باغراش كۆلىنىڭ سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ 1045.35 مېتىرلىق ئورۇنغا چۈشۈپ، «باغراش كۆلى ۋادىسىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن 1045 مېتىرلىق چەكلىمىلىك سۇ ئورنىغا پەقەت 35 سانتىمېتىرلا قالغان. «نىزام» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، باغراش كۆلىنىڭ سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ 1045 مېتىرغا كەلگەندە، بارلىق پومپا ۋە سۇ چىقىرىش ئېغىزىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئېتىۋىتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز كۆنچى دەرياسىدىن سۇ باشلاپ سۇغرىش ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالىمىز. قۇرغاقچىلىق ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيىمىزنى 62 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىرلىق نورمىدىن ئوشۇق سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى بىلەن قوللىدى، نۆۋەتتە سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى 225 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ناھىيىمىزدىكى 500 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭلا ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

نورمال سۇ ئىشلىتىش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى ناھىيىمىز يېزا-ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىشتە تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپقا چوقۇم قاتتىق ئەمەل قىلىشنى قارار قىلدى: بىرىنچى، سۇغا قاراپ يەر بەلگىلەش؛ ئىككىنچى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ يېرىنى تېرىقچىلىقتىن بوشاندۇرۇش؛ ئۈچىنچى، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش؛ تۆتىنچى، ئاساسىي دېھقان ئائىلىلىرى ئالدىن سۇ ئىشلىتىش. سۇ ئەھۋالى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسىغا كېلىدىغان سۇ بارغانسېرى ئازلايدۇ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ يېرىنى تېرىقچىلىقتىن بوشاندۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا ناھىيىمىزدىكى كەڭ دېھقان ئائىلىلەرنىڭ توغرا چۈشۈنۈپ ۋە قوللاپ، يېزا،بازارلارنىڭ نۆۋەت بىلەن سۇغرىش تۈزىمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، مەدەنىي، قانۇنلۇق ھالدا سۇ ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نورمال سۇ ئىشلىتىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، يولسىزلىق قىلغانلارنى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش نىزامى»، «ئەرزىيەت نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملار بويىچە قاتتىق جازالايدۇ.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى

 

 

 

                                             لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى

                                             2010-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器