ھەر قايسى يېزا-بازار، ئىدارە، ئورگانلار:
2010-يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەر قايسى يېزا-بازار، ئىدارە، ئورگانلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولاي بۇلۇش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2010-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا ئاساسەن، 2010-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرىشى تۆۋەندىكىچە:
2010-يىلى 1-يانۋاردىن3-يانۋارغىچە ئۈچ كۈن يېڭى يىللىق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ.
بايرام مەزگىلىدە، ھەر قايسى يېزا-بازار، ئىدارە، ئورۇنلار نۆۋەتچىلىك شۇنىڭدەك بېخەتەرلىك قوغداش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەۋقۇلاددە زور ،تاساددىبىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، بەلگىلىمە بۇيىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ بايرامنى خوشال-خورام ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى
2009-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى