2009-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى –قۇربان ھېيىت. بەلگىلىمە بۇيىچە بۇ ھېيىتنى ئۆتكۈزىدىغان ئامما 11-ئاينىڭ 28-29-30-كۈنى ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ. 11-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى (شەنبە،يەكشەنبە) بولغانلىقتىن، ھېيتىلىق ئىككى كۈن دەم ئېلىش 12-ئاينىڭ1-كۈنى (سەيشەنبە)، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى (چارشەنبە) كۈنلىرىگە تەڭشىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ھېيىتنى ئۆتكۈزىدىغان ئامما 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى (پەيشەنبە) نۇرمال خىزمەت قىلىدۇ. باشقا ھەر مىللەت ئاممىسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (دۈشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ.
لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى
2009-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنى