对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
كىلىش مەنبەسى : تەشكىلات  بۆلۈمى       ۋاقتى : 08.09.26    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ھەر قايسى يېزا-بازارلىق پارتكۇم،  ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ھەر قايسى كەنت، مەھەللە پارتيە ياچىيكىلىرىغا:

دۆلەت قورۇلغانلىقىنىڭ 59يىللىقىنىڭ يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بايرام مەزگىلىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى  ئېلىپ بېرىپ ، خۇشال-خۇرام ئىناق بايرام كەيپىياتىنى يارتىش ئۈچۈن، مۇناسۋەتلىك خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

1. ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك. ھەر قايسى يېزا-بازارلار  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىگە  يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، 《قىزغىن، خۇشال-خۇرام، ساغلام، تېجەشلىك، بىخەتەر》 بۇلۇش تەلىۋى بويىچە، كۆڭۈل قۇيۇپ تەشكىللەپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ھەر  خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ ئەستايىدىل تەشكىللەپ ، كەنت ۋە مەھەللەردىكى ئاھالىلەرنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا يىتەكلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياخشى بولغان مەدەنىيەت كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى بايرامنى خوشال-خورام ، ساغلام، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

2.ئەدەبىي-سەنئەت ئىجادىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنت ۋە مەھەللە رايۇنى سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيىتىنى يېتەكچى قىلىشىنى  چۆرىدەپ، ئەمەلىي خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ –نۇمۇس قارىشىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئەدەبىي- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى بەدىئىيلىك بىلەن خوشاللىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ،  لوپنۇر روھىنى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مەدەنىيەت ئەسەرلەرنى نامايەن قىلىش كېرەك. ئەدەبىي-سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ  ئاساسى مىلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، شەكىلىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ، مەزمۇننى ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك.

3. رايۇنلار ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر قايسى يېزا-بازارلار دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەدەنىيەت بايلىقىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، رايۇنلار ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بىلەن كۆرگەزمە پائالىيىتىگە پائال تەشكىللەپ،مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆز-ئارا تۇلۇقلاپ ، كەڭ ئاممىنىڭ مەنپەتلىنىش دائىرسىنى كېڭەيتىش كېرەك . بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر قايسى يېزا-بازارلار، مەھەللە رايۇنى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىن ھەر خىل مەنىۋى-مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىپ، بايرام مەزگىلىدە كەڭ ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

4.پائالىيەت تەشۋىقاتنىڭ خەۋەردار بولۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنت، ئاھالە ۋە مەھەللە رايۇنى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ  تەشۋىقات خىزمىتىنى تۇلۇق ياخشى ئشلەپ، تەۋەلىك رايۇن ئىچىدە سەپەرۋەر ۋە تەشۋىق قىلىشنى  چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 《ئۆكتەبىر》 مەزگىللىنىڭ  ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىشىنى ئالدىن ئېلان قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلە بىر ۋاقىتتا ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىمۇ تەشۋىقات ۋە خەۋەر بېرىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىشى، ناھىيىلىك يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسى پائال ھەرىكەتلىنىپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش يېتىپ بارغان كەنتلەردە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن خەۋەردار بولۇش نىسپىتى ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش لازىم.  

   ج ك پ لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكۇم تەشكىلات بۆلۈمى

                                     2008 -يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器