ھەر قايسى يېزا،بازار پارتكۇمى، كەنت ،مەھەلىلەر كومۇتېتى پارتىيە ياچىيكىسىغا:
دۆلەت بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قېزغىن، خۇشال بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت بايرىمىلىق بايراق چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئشلار تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ:
1.ھەر قايسى ئورۇنلار دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا چىقىرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شارائىتى يار بېرىدىغان ئورۇنلار رەڭلىك بايراق ئېسىشى لازىم.
2.يىرتىلىپ كەتكەن، رەڭگى ئۆشكەن، بۇيىلىپ كەتكەن بايراقلارنى ئېسىشقا بولمايدۇ. بايراق ئاسىدىغان ئورۇنلار دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئومومىيۈزلۈك بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ھەمدە ياخشى ئاسرىشى ، تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلارنى بايقىغان ھامان ئۆز ۋاقتىدا يېڭىلاش. ئالماشتۇرۇلغان دۆلەت بايرىقىنى ياخشى ساقلاش، خالىغانچە تاشلىماسلىق ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆيدۈرمەسلىك. ئۆلچەمسىز بايراقلارنى ئاسماسلىق لازىم .
3.شارائىتى يار بېرىدىغان ئورۇنلار دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ 10-ئاينىڭ1-كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا تەشكىللەش. مەھەللە ئاھالىلاركومۇتېتى ، كەنت ئاھالىلار كومۇتېتى ئەزالىرى خەلق مەيدانى، باغچا، بازار رايۇنى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا بايراق چىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلاش لازىم.
ناھىيىلىك پارتكۇم تەشكىلات بۈلۈمى
2008-يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى.