2008 -يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيىت يىتىپ كەلمەكتە.ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، ئوبلاسىتلىق خەلق ھۈكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، دۆلەت بايرىمى، روزا ھېيىتقا قويۇپ بېرىش ۋە قىشلىق خىزمەت قىلىش دەم ئېلىش ۋاقتنى يولغا قۇيۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ :
9-ئاينىڭ29-كۈندىن10-ئاينىڭ5-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي 7كۈن. بۇنىڭ ئىچىدە: 10 –ئاينىڭ1- ، 2- ، 3-كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنى، 9-ئاينىڭ27-كۈنى﹚شەنبە﹙، 28-كۈنى ﹚يەكشەنبە﹙، ئىككى ئومومى دەم ئېلىش كۈنى9-ئاينىڭ29-كۈنى﹚دۈشەنبە﹙، 30-كۈنى﹚سەيشەنبە﹙گە تەڭشىلىدۇ. 10-ئاينىڭ4-كۈنى ﹚شەنبە﹙، 10-ئاينىڭ5-كۈنى ﹚يەكشەنبە﹙نورمال دەم ئېلىش ۋاقتى، 9-ئاينىڭ27- ، 28-كۈنى خىزمەت قىلىنىدۇ.
2008-يىلى10-ئاينىڭ2-كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى—روزا ھېيىت. بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان ھەر قايسى مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 10-ئاينىڭ6-كۈنى ﹚دۈشەنبە﹙ بىر كۈن تۇلۇقلاپ قۇيۇپ بېرىلىدۇ، باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئادەتتىكىدەك خىزمەت قىلىدۇ.
10-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق ۋاقىت يولغا قويۇلىدۇ. يەنى: ئەتىگەندە 10:00دە خىزمەتكە چىقىپ، 14:00دە چۈشىدۇ، چۈشتىن كېيىن 15:30دا خىزمەتكە چىقىپ، 19:30 دا ئىشتىن چۈشىدۇ.(يۇقۇرقىلاردا بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى ئاساس قىلىنىغان ).